天气预报 

خوتەن شەھرى قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ 2022-يىللىق8-قېتىملىق 500يۈەنلىك ۋە 100يۈەنلىك (ئۈچ ئۆتكەل) كەپتەر شاھى ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقە قائىدىسى

时间:2022-01-18 13:51:48 来源: 作者:خوتەن شەھەر قاشتېشى

خوتەن شەھرى قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ  2022-يىللىق8-قېتىملىق 500يۈەنلىك ۋە 100يۈەنلىك  (ئۈچ ئۆتكەل) كەپتەر شاھى ئالاھىدە ھالقا  مۇسابىقە قائىدىسى

(سىناق، پىكىر ئېلىش نۇسقىسى)

مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن : خوتەن شەھەر قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبى

مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: خوتەن ۋىلايەتلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى خوتەن شەھرى خەت كەپتىرى جەمئىيتى ۋە بارلىق كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلار ۋەكىللىرى

خوتەن شەھەر قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبىمىز كەڭ مۇسابىقە  كەپتىرى ھەۋەسكار دوستلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، 2022-يىللىق سەككىزىنجى نۆۋەتلىك  (ئۈچ ئۆتكەل) ئالاھىدە ھالقا  مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەت  كەپتىرى جەمئىيىتى بىلەن خوتەن شەھەر خەت كەپتىرى جەمئىيىتى  مۇسابىقىنى نازارەت قىلىدۇ، خوتەن شەھەر قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبى بۇ مۇسابىقىنى  قائىدىدىكى ۋاقىت ۋە تەرتىپ بويىچە  ۋاقتىدا ئۆتكۈزىدۇ ۋە مۇكاپاتنى ۋاقتىدا نەقلەشتۈرىدۇ.

خوتەن شەھرى قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبىمىز 2014-يىلىدىن باشلاپ كەڭ ھەر مىللەت كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلىرىمىزغا ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ بارلىق دوستلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ سەككىز يىلدىن بۇيان مەيلى قانچىلىق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقمايلى كەڭ دوستلارغا ئىشىنىپ،مۇشۇ كەپتەر مۇسابىقە سەھنىسىنى يوقىتىۋەتمەي ساقلاپ قالايلى دەپ ئويلاپ،  زىيانلار كۆرۈلگەندىمۇ چىداپ، بارلىق دوستلارنىڭ قاتنىشىشى، قوللىشى ، ياردىمى ئارقلىق  بۇ يىل 8–قېتىملىق ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى  ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز، بۇ جەريانلاردا نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدۇق، كەپتەر سائەتلىرىمىز قولدا ئايلاندۇردىغان سائەتتىن ھازىرقى زامانىۋى ئۇچۇرلۇق، ئېلىكتېرونلۇق دەسسىگۈچلۈك سائەتلەرگە تەرەققىي قىلدى، مەشق ۋە مۇسابىقە قۇمىلىرىمىز يېڭىلاندى، ئاپتۇماتىكلاشتى، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش شارائىتىلىرىمىز ياخشىلاندى. ئەسلىھەلىرىمىز، خادىملىرىمىز ئىلغارلاشتى، تولۇقلاندى، تەجرىبە ساۋاقلىرىمىز تېخىمۇ كۆپەيدى ۋە مۇكەممەللەشتى، ئەزالىرىمىز ئازلىقتىن زورىيىپ  280يەتتى. بىز بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە داۋاملىق  ئادىل ۋە ئاشكارە بولۇشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دوستلارنىڭ كەپتەرلىرىنى ھەم مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچىنى يەردە قويماي، بارلىق مۇسابىقىلەرنى يەنىمۇ ياخشى ھەم ئادىل باراۋەر ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز، ھەم بىزلەرنى ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ كېلىۋاتقان  بارلىق ھەر مىللەت دوستلارغا بۇ ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز ھەم بارلىق دوستلارنىڭ ھەممە يەرلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز.    

مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ۋەدىسى شۇكى : ھالقا قانچىلىك سېتىلىشتىن قەتئىنەزەر ئېلان قىلىنغان دەرىجىلەرنىڭ مۇكاپات پۇلىنى بەكىران جۇرېن ئۆزى ئىگە  بولۇپ  تولۇق تارقىتىدۇ. ناۋادا ھالقا ئېشىپ قالسا كېسىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

 بۇ يىل مۇسابىقە شەرقىي يول (چەرچەن تەرەپ) كە ئوينىلىدۇ. 500كىلومېتىرلىق مۇسابىقە خوتەن ۋىلايەتلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى بېكىتكەن يېڭى نۇقتىدىن قويۇپ بىرىلىدۇ.

ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى ھەم كەپتەر قويۇپ بىرىشكە ماس كەلمەيدىغان بەش بالدىن يۇقىرى بوران، قاتتىق يامغۇر، كۆرۈش ئارلىقى 500مېتىرغا يەتمەيدىغان تۇمانلىق ھاۋا رايىدىن باشقا ھەرقانداق ئەھۋالدا بارلىق  مۇسابىقە مۇشۇ مۇسابىقە قەئىدىسىدە بېكىتىلگەن ۋاقىت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئەگەردە كېيىنكى ئۆتكەلگە قاتنىشىدىغان كەپتەرنىڭ سانى مۇشۇ قائىدىدە مۇكاپاتلايدىغان كەپتەرنىڭ سانىغا يەتمىسە، مۇسابىقە توختۇتۇلۇپ، ئالدىنقى ئۆتكەللەردىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ. دەرىجىگە كىرگەنلىرىگە ئۆز مۇكاپاتى بىرىلگەندىن سىرت دەرىجە  توشماي ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇلىنىڭ %50پىرسەنتى دەرىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرگە، %50تى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قۇمىغا چىققان كەپتەرلەرگە (دەرىجىگە كىرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

مۇسابىقە قائىدىلىرى تۆۋەندىكىچە

1-مۇسابىقە

2022-يىللىق  (ئۈچ ئۆتكەل چوڭ-كىچىك ئىككى خىل) كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى،200 كىلومېتىر سالاھىيەت ھازىرلاش مۇسابىقە، 300 كىلومېتىر 1- ئۆتكەل مۇسابىقە،400 كىلومېتىر2- ئۆتكەل مۇسابىقە،500 كىلومېتىر 3- ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ  مۇسابىقىدىن ئىبارەت (ئۈچ ئۆتكەل) بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ،(ئۈچ ئۆتكەل)دىكى ئومۇمى مۇسابىقە فېنسۇ( مىنۇتلۇق سۈرئىتى) گە ئاساسەن يۇقۇردىن تۆۋەنگە رەتكە تىزىلىپ، كەپتەر شاھى چىقىرلىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2- دەرىجە ۋە مۇكاپات  ( 500يۈز يۈەنلىك )

 بۇ يىللىق  500يۈز يۈەنلىك  (ئۈچ ئۆتكەل) كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىدە 100كەپتەرنىڭ مۇكاپاتىغا( 100دەرىجىگە) كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 1500ھالقىدىن كېيىن سېتىلغان ھەر 11ھالقىغا بىردىن دەرىجە ئاۋۇتىلىدۇ، مۇكاپاتى 5000يۈەن بولىدۇ.

 

چىمپىيون

ئىككىنجى

ئۈچىنجى

4-10

11-100

101-N


70000

50000

30000

10000

5000

5000


 

3-كوللېكتىپ مۇكاپات   ( 500يۈز يۈەنلىك )

20ھالقا بىر كوللېكتىپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى 5 كوللېكتىپقا دەرىجە مۇكاپات بىرىلىدۇ.

500يۈەنلىك ھالقا مۇسابىقىسىدە ھالقا ئىگىسىنىڭ ھالقا نومۇرىنىڭ بېشىدىن باشلانغان ھەر

20ھالقا نومۇرى بىر كوللېكتىپ ھېسابلىنىدۇ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەپتىرى نەتىجىگە

كىرگەنلەر كوللېكتىپ مۇكاپات سالاھىيتىگە ئېرىشەلەيدۇ. سانى ئوخشاش بولۇپ قالغانلىرىنىڭ نەتىجىسى ئالدىدىكىسى ئۇتقان بولىدۇ.

چىمپىيون

ئىككىنجى

ئۈچىنجى

4-

5-

8000

7000

6000

5000

4000

 

4- دەرىجە ۋە مۇكاپات ( 100يۈەنلىك)

  2022-يىللىق  100يۈز يۈەنلىك (ئۈچ ئۆتكەل) ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىگە 200دەرىجە مۇكاپات بىرىلىدۇ، ھەم  يەنە 10 كوللېكتىپ (تۇەنتى) مۇكاپاتلىنىدۇ.

چىمپىيون

2-

3-

4-10

11- 50

51-100

101-200

25000

15000

10000

5000

2000

1500

1000


5-كوللېكتىپ مۇكاپات ( 100يۈەنلىك)

(100يۈەنلىك ھالقا مۇسابىقىسىدە 30 ھالقا بىر كوللېكتىپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى 10 كوللېكتىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.2ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەپتىرى نەتىجىگە كىرگەنلەر كوللېكتىپ مۇكاپات سالاھىيتىگە ئېرىشەلەيدۇ. سانى ئوخشاش بولۇپ قالغانلىرىنىڭ نەتىجىسى ئالدىدىكىسى ئۇتقان بولىدۇ. ھالقا سېتىۋالغۇچىنىڭ  ھالقىسىنىڭ بېشىدىن باشلانغان  30ھالقا بىر كوللېكتىپ ھېسابلىنىدۇ.

 

چىمپىيون

2-

3-

4-10

5000

3000

2000

1000

 

6- مۇسابىقە شەرتلىرى

( بارلىق كەپتەرلەر چوقۇم 200كىلومېتىرلىق سالاھىيەت ھازىرلاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى كېرەك، قاتناشمىغانلىرى ئۆزلىگدىن شاللانغان ھېسابلىنىپ كېيىنكى ئۆتكەل مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتى بولمايدۇ)

(1)بۇ يىللىق 500يۈەنلىك (ئۈچ ئۆتكەل) كەپتەر شاھى ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىدە ،300 كىلومېتىر 1- ئۆتكەل مۇسابىقە،400 كىلومېتىر 2- ئۆتكەل مۇسابىقە، 500كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەتىجە ھېسابلاش شۇ كۈنى كەچ سائەت  20:50گىچە بولىدۇ.

(2)بۇ يىللىق 100يۈەنلىك (ئۈچ ئۆتكەل) كەپتەر شاھى ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىدە ،300 كىلومېتىر 1- ئۆتكەل مۇسابىقە،400 كىلومېتىر 2- ئۆتكەل مۇسابىقىدە نەتىجە ھېسابلاش ئىككىنچى كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 20:50گىچە بولىدۇ، 500كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەتىجە ھېسابلاش شۇ كۈنى كەچ سائەت  20:50گىچە بولىدۇ.

 ①ئەگەر قايسى بىر ئۆتكەلدە قايتىپ كەلگەن كەپتەرنىڭ سانى مۇشۇ  قائىدىدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ ئاخىردا مۇكاپاتلىنىدىغان كەپتەر شاھى سانىنىڭ%50پىرسەنتىگە يەتمىسە  (يەنى يۈز يۈەنلىكنىڭ  100گە، بەش يۈز يۈەنلىكنىڭ  75كە) يەتمىسە جوڭگو خەت كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە بۇ قائىدە روھىغا ئاساسەن مۇسابىقە توختۇتۇلۇپ ئالدىنقى ئۆتكەللەردىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن كەپتەر شاھى چىقىرلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. ئېشىپ قالغان دەرىجىنىڭ مۇكاپات پۇلىنىڭ %50پىرسەنتى دەرىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرگە، %50تى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قۇمىغا چىققان كەپتەرلەرگە(دەرىجىگە كىرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

②ناۋادا 500كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شۇ كۈنى ۋاقىت توشقىچە  بىرمۇ كەپتەر كەلمىسە، ئالدىنقى ئۆتكەللەردىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن دەرىجە تۇرغۇزۇلىدۇ.  ناۋادا كەچكىچە دەرىجە توشماي قالسا نەتىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرگە ئۆز مۇكاپاتى بىرىلگەندىن سىرت  دەرىجە توشماي ئېشىپ قالغان مۇكاپات پۇلىنىڭ %50پىرسەنتى دەرىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرگە، %50تى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قۇمىغا چىققان كەپتەرلەرگە (دەرىجىگە كىرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

(2)  1-دىن 10-غىچە نەتىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرگە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ.

 (3) بارلىق ھالقىلارنى چوقۇم بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن كەپتەرلەرگە سېلىپ بولۇش كېرەك،7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كەپتەرلەر تەكشۈرلىدۇ ، ھەم كەپتەرلەرنىڭ بارلىق سانلىق ئۇچۇرلىرى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزلىدۇ، ھالقىنى شۇ ۋاقىتقىچە سالمىغانلار مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ.

(4)  500يۈز يۈەنلىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىدە سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقسىى  ۋە بېكىتىپ ئويناش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنىدۇ، سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىدە 15 دەرىجە بىرلىدۇ. خالىغان كەپتەرلەر 6-ئايدىن باشلاپ ھەر بىر كەپتەر 50 يۈەندىن سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ. 9-ئايدا بىر كەپتەر 100يۈەندىن تىزىملىتىلىپ قاتنىشىدۇ.

6-ئايلىق   سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  تىزىملاش   ۋاقتى

7-ئايلىق   سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  تىزىملاش   ۋاقتى

8-ئايلىق   سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  تىزىملاش   ۋاقتى

9-ئايلىق   سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  تىزىملاش   ۋاقتى

25-   30-كۈنىگىچە

25-   30-كۈنىگىچە

25-   30-كۈنىگىچە

25-   30-كۈنىگىچە

50يۈەن

50يۈەن

50يۈەن

100يۈەن

سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە تىزىملانغان كەپتەرلەردىن بارلىق مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا  كەپتەر شاھى چىقىرلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەرنى ئارلىقتا ئالماشتۇرۇشقا ياكى قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، قالدۇرۇپ قويۇلغانلىرى ياكى ئالماشتۇرۇلغانلىرى سەر خىل كەپتەرلەر  مۇسابىقىسىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر بىرەر ئۆتكەلدە سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  قاتناشقان كەپتەرلەردىن  بىر ياكى بىرنەچچىسى كەلسە بۇ كەپتەرلەرگە ئۆز مۇكاپاتى بېرىلگەندىن سىرت ئېشىپ قالغان دەرىجىنىڭ مۇكاپات پۇلىنىڭ %50پىرسەنتى دەرىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرگە، %50تى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قۇمىغا چىققان كەپتەرلەرگە(دەرىجىگە كىرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ.

 سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  قاتناشقان كەپتەرلەردىن  بىرەر ئۆتكەلدە بىرسىمۇ كېلەلمىسە سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە   قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ ئالدىنقى ئۆتكەللەردىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن كەپتەر شاھى چىقىرلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ ھالقا نومۇرى ۋە سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىنىڭ  ئومۇمىي پۇلى ئايمۇ ئاي ئېلان قىلىنىدۇ.

 (5) سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ دەرىجە مۇكاپات ئەھۋالى .

 

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنجى

4-15



%15

%12

%8

%5


 

 (6) 100يۈئەنلىك ئالاھىدە  ھالقا مۇسابىقىدە كەپتەرلەر 200كىلومېتىرلىق مۇسابىقىگە مېڭىشتىن 10كۈن ئىلگىرى  باشلاپ 50يۈەن،  200يۈەن،300يۈەن بويىچە (ھەممە تۈرگە ۋە ياكى  خالىغان بىر-ئىككى تۈرگە قاتناشسىمۇ بولىدۇ) دەرىجىسى ئۆستۈرلىدۇ.

 

چىمپىيون

ئىككىنچى

ئۈچىنجى

4-10

11N-


10000

8000

6000

5000

3000


دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كەپتەرلەرگە يۇقارقى تەرتىپ بويىچە پۇل يەتكەن يېرىگىچە مۇكاپات

قىلىپ تارقىتىلىدۇ.

(7) ھەر بىر مۇسابىقە تۈرىدە ھەر ئۆتكەلدە بىر كەپتەر 50 يۈەن مۇسابىقە ھەققى تاپشۇرۇپ ئادەتتىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. تۆۋەندىكى جەدۋەل بويىچە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات پۇلى مۇسابىقىنىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلىدۇ.

 

 

 

مۇسابىقە تۈرى

چىمپىيون

ياجۈن

جىجۈن

4-10

11N-


200كىلومېتىر

5000

3000

2000

1000

500


300كىلومېتىر

5000

3000

2000

1000

500


400كىلومېتىر

5000

3000

2000

1000

500


500كىلومېتىر

5000

3000

2000

1000

500


 

 


                                                                                                                     

 


 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


 500يۈز يۈەنلىك ۋە 100يۈەنلىك  (ئۈچ ئۆتكەل)  ئالاھىدە ھالقا ھەر ئىككى تۈر مۇسابىقىدە بىردىن يەنى KX3 كىيا 2022 دە 1.5L IVT يېڭى پاسون  ھەم ئەقلى ئىقتىدارلىق  ئىككى دانە ماشىنا مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىنىدۇ، ماشىنا مۇكاپاتىغا قاتنىشىش ھەققى 500يۈەن، ئىختىيار قىلغان ئاساستا قاتناشسا بولىدۇ. ھەر 260دانىگە بىر ماشىنا تەسىس قىلىنىدۇ، ئاشسا يۇقاردىكى تەرتىپ بويىچە يەنە ماشىنا ئاۋۇتىلىدۇ، يەتمىسە يېغىلغان پۇلنىڭ %90پىرسەنتى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىلىدۇ.

200كىلومېتىرلىق مۇسابىقىگە مېڭىشتىن ئون كۈن بۇرۇن ماشىنا مۇكاپاتىغا تىزىملىتىشى لازىم.

ماشىنا مۇسابىقىسىدە ئەگەر بىرىنچى ئۆتكەلدە ماشىنا مۇكاپاتىغا تىزىملانغان كەپتەرلەردىن  بىرمۇ كەپتەر قايتىپ كەلمىسە، پۇلنىڭ %90پىرسەنتى قايتۇرلىدۇ، ئىككىنچى ئۆتكەل ۋە ياكى ئۈچىنچى ئۆتكەلدە ماشىنا مۇكاپاتىغا تىزىملانغان كەپتەرلەر كېلەلمىسە، ماشىنا مۇكاپاتىنىڭ پۇلى شۇ ئۆتكەلدە قۇمىغا چىققان ماشىنا مۇكاپاتىغا قاتناشقان كەپتەرلەرگە تەڭ تەقسىملىنىدۇ.

(8) كەپتەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە ھالقا نومۇرىنى  كەپتەر سائىتىگە توغرا كىرگۈزۈش لازىم،خاتا كىرگۈزۈپ قويغانلار بولسا چوقۇم مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆزگەرتىپ توغرىلاش كېرەك، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

.(9) ناۋادا بىرەر ئۆتكەلدە تۇيۇقسىز ئومۇميۈزلۈك توك توختاش سەۋەبىدىن مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئاپتۇماتىك يوللاشقا مۇمكىن بولمىسا، بۇ مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ،بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

7-   مۇسابىقىگە كەپتەر  قويۇپ بىرىش ئورنى:

بۇ نۆۋەتلىك  200 كىلومېتىرلىق سالاھىيەت ھازىرلاش مۇسابىقىگە   كەپتەرلەر شەرقىي يول كېرىيە ئويتوغراقتىكى 200كىلومېتىرلىق نۇقتدىن؛ ؛300 كىلومېتىرلىق 1- ئۆتكەل مۇسابىقىدە  كەپتەرلەر شەرقىي يول 300كىلومېتىرلىق نىيە ناھىيەسىدىكى  نۇقتدىن ؛ 400 كىلومېتىر 2- ئۆتكەل مۇسابىقىدە كەپتەرلەر شەرقىي يول 400كىلومېتىرلىق  نىيە ناھىيەسىدىكى نۇقتدىن 500 كىلومېتىر 3- ئۆتكەل مۇسابىقىدە كەپتەرلەر چەرچەن ناھىيەسىدىكى ( خوتەن ۋىلايەتلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى بېكىتكەن)  500كىلومېتىر  يېڭى نۇقتدىن قويۇپ بىرىلىدۇ.

8- مۇسابىقە ۋاقتى

200كىلومېتىرلىق1- ئۆتكەل مۇسابىقە ±5%

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى يەكشەنبە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شەنبە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00دىن 6:00غىچە  كەپتەر يېغىلىدۇ

300كىلومېتىرلىق 2-ئۆتكەل مۇسابىقە ±5%

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى يەكشەنبە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شەنبە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00دىن 6:00غىچە  كەپتەر يېغىلىدۇ

400كىلومېتىرلىق 3- ئۆتكەل مۇسابىقە ±5%

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى يەكشەنبە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00دىن   5:00غىچە  كەپتەر يېغىلىدۇ

500كىلومېتىرلىق 4- ئۆتكەل مۇسابىقە ±5%

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى يەكشەنبە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ

2022-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى شەنبە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00دىن   4:00غىچە  كەپتەر يېغىلىدۇ

ئەسكەرتىش: كەپتەرلەرنى مۇسابىقىگە ئېلىپ مېڭىش  ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىدىن باشقا ھەرقانداق ئەھۋالدا چوقۇم يۇقارقى ۋاقىت بويىچە بولىدۇ، كېچىكىپ قالغانلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.

9- ئەسكەرتىش

(1)دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، سەر خىل كەپتەرلەر مۇسابىقىسىگە  قاتناشقان  ۋە ئادەتتىكى  تاق ئۆتكەل مۇسابىقىدە يېغىلغان پۇلىنىڭ %10تى مۇسابىقە چىقىملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.%90تى مۇكاپات قىلىپ  تارقىتىلىدۇ. مۇكاپات پۇلى مۇسابىقىنىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلىدۇ.

(2)  كەپتەر قويۇپ بېرىشكە ماس كەلمەيدىغان ھاۋا رايى(يەنى:بەش بالدىن يۇقىرى قۇم شېغىللىق بوران، قاتتىق يامغۇر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى)دىن باشقا ھەرقانداق ئەھۋالدا بارلىق مۇسابىقە چوقۇم قائىدىدە بېكىتىلگەن شۇ كۈندە ئېلىپ بېرىلىدۇ ئۆزگەرمەيدۇ.

(3) 500يۈز يۈەنلىك ئالاھىدە ھالقىنىڭ نومۇرى 2022-30- 0500001-0502100 غىچە بولىدۇ

100يۈەنلىك ئالاھىدە  ھالقىنىڭ نومۇرى  2022-30-0506001-0510000  غىچە بولىدۇ.

 چوڭ ھالقىنىڭ ھەر دانىسى 500يۈەن، 2100دانىلا سېتىلىدۇ،1500ھالقىنىڭ مۇكاپاتىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئۇندىن كېيىن سېتىلغان ھەر 11ھالقىغا بىر دەرىجە ئاۋۇتىلىدۇ، مۇكاپاتى 5000يۈەن بولىدۇ.

كىچىك ھالقىنىڭ ھەردانىسى 100يۈەن، 4000دانىلا سېتىلىدۇ.  مۇكاپات دەرىجىسى 200بولىدۇ،

يېڭى ئەزالاردىن چوڭ ھالقدىن ئوننى ۋە  كىچىك ھالقىدىن 30نى سېتىۋالغۇچىلار بولسا مۇسابىقە ئوينىۋېلىش ئۈچۈن تابەن ھەقسىز بىرىلىدۇ.

     كۆپچىلىك ئەزالارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ يىللىق ئالاھىدە ھالقا  خوتەن شەھەر، خوتەن ناھىيە،لوپ ناھىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارغىلا سېتىلىدۇ، باشقا جايلاردىن ھالقا سېتىۋېلىشنى خالايدىغان دوستلىرىمىز بولسا  كەپتەر بېقىش فېرمىسى (جىياڭپېڭ) ئوقۇشۇپ بىرلىدۇ.

 (4) كەپتەر ھەۋەسكارلىرى دوستلارنىڭ كەپتەرخانا ئۇچۇرلىرى چوقۇم كۇلۇپنىڭ ئۇچۇرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك،

 (5) مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق كەپتەرلەرگە جۇڭگو خەت كەپتىرى جەمئىيىتى بىر تۇتاش تارقاتقان  شۇ يىللىق ھالقا سېلىنغان بولۇشى كېرەك، بارلىق مۇسابىقە يۈنفېي شىركىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق دەسسىگۈچ (دىيەنزى تابەن)دە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋە 500يۈەنلىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىدىكى  كەپتەرلەرگە يېپىق ئېغىزلىق ( ھالقىدىن بۇرۇن سېلىنىدىغان) ئېلېكترونلۇق ھالقا سېلىنىدۇ. بارلىق دوستلار چوقۇم ئېلىكتىرونلۇق كەپتەر سائىتىگە كارتا سېلىپ،  كەپتەرنىڭ ئۇچۇرىنى بىۋاستە ئاپتوماتىك يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 (6)مۇسابىقە جەريانىدا ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ساختىلىق قىلىش قەتئى چەكلىنىدۇ، ساختىلىق قىلغانلارنىڭ نەتىجىسى بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ .

(7) ھەر ئۆتكەلدە ئالدىنقى 1-دىن 10-غىچە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەر تەكشۈرلىدۇ.

 (8) بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنى ئېتىراپ قىلغانلار ھالقا سېتىۋالسا بولىدۇ، مۇسابىقىنىڭ ئازراق خەتىرى بار، ھالقا سېتىۋالغاندا ئۆز ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ.

(9) مۇسابىقىلەرنىڭ ئادىل، ئاشكارە، ھەققانى ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايەتلىك خەت  كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە خوتەن شەھەرلىك خەت كەپتىرى جەمئىيىتى ۋە كۇلۇبىمىز  مەخسۇس بېكىتكەن رېپىرلار گۇرپىسى بىلەن (ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە 2-،12-،22-،32-دەرىجىگە ئېرىكشەن ئۈچ نەپەر) كەپتەرچى دوستلار ۋەكىللىرى كېيىنكى نۆۋەتلىك  بارلىق مۇسابىقىلەرگە كەپتەر ئېلىش، تامغا بېسىش،كەپتەرنى قۇمىغا سېلىش، ئاجرالماس چاپلىغۇچ چاپلاش، كەپتەرلەرنى پىلاندا بېكىتىلگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا دەل جايىدىن قويۇپ بىرىش،  ھەر ئۆتكەلدە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا  نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

(10) ئاخىرقى ئۆتكەلدە بارلىق ئالاھىدە ھالقىلىق كەپتەرلەرنىڭ ھالقىسىغا يېپىق نومۇرلۇق چاپلىغۇچ چاپلىنىدۇ، ھەمدە نەتىجىگە كىرگەن بارلىق كەپتەرلەر تەكشۈرلىدۇ، ئاجرالماس چاپلىغۇچنى ئاجرىتىۋەتكەنلەرنىڭ نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ.

(11) مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشقا قاتناشتۇرلىدۇ، سېتىلغان سوممىنىڭ %80تى كەپتەر ئىگىسىگە، %20پىرسەنتى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپكە مەنسۇپ بولىدۇ.

  500يۈز يۇەنلىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىدە 1-3گىچە بولغان كەپتەرلەر 5000 يۈەندىن، 4-10غىچە بولغان كەپتەرلەر 3000يۈەندىن، 11-150چە بولغان كەپتەرلەر1000 يۈەندىن باشلىنىپ كىم ئارتۇق قىلىنىدۇ.

100يۈز يۇەنلىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسىدە 1-3گىچە بولغان كەپتەرلەر 3000 يۈەندىن، 4-10غىچە بولغان كەپتەرلەر 2000يۈەندىن، 11-50گىچە بولغان كەپتەرلەر1000 يۈەندىن، 51-100بولغان كەپتەرلەر 700يۈەندىن101-200بولغان كەپتەرلەر500يۈەندىن باشلىنىپ كىم ئارتۇق قىلىنىدۇ.

(12) بۇ مۇسابىقىدە جۇڭگو خەت كەپتىرى جەمئىيىتىنىڭ 2019-يىلى ئېلان قىلغان« جۇڭگو خەت كەپتىرى جەمئىيىتى مۇسابىقە قائىدىسى » ئىجرا قىلىنىدۇ.

(13) كەپتەرلەرنىڭ ياخشى ئۇچۇش مەسىلىسىنى ھەم كەڭ دوستلارنىڭ كەپتەرلەرنى تەڭشەش، مەشققە سېلىش،مۇسابىقىگە كەپتەر ئۆتكۈزۈش  ئەھۋاللىرىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ يىل 500يۈەنلىك ۋە 100يۈەنلىك ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى بىرگە ئۆتكۈزىلىدۇ.

(14) باجغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ قالسا مۇكاپات ئالغۇچى تەرەپ  ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، كۈتۈلمىگەن سەۋەب-ۋەقەلەر، ياكى ئوت ئاپىتى،قاتناش ۋەقەسى قاتارلىق ئەھۋاللاردا ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان  ئەھۋاللاردا كەپتەر ئۆلۈش يۈتۈش قاتارلىق ئىشلار يۈز بەرسە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مەسئۇل بولمايدۇ.

(15) بۇ مۇسابىقە قائىدىسىنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبىغا تەۋە

 

 

 

خوتەن قاشتېشى مۇسابىقە كەپتەر كۇلۇبى

 

2021-يىلى12-ئاينىڭ 15-كۈنى